باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى

2018.01.10 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-فرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تۈزدى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار يەنىلا گەۋدىلىك بولىۋاتقان شارائىتتا، جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولغانلىقتىن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگو فرانسىيە بىلەن بىللە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو-فرانسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر