باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل قىشتا يۇقۇملۇق زۇكام يامرىدى، زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟

2018.01.10 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۇقۇملۇق زۇكام يامرايدىغان مەزگىلنىڭ كېلىشى بىلەن، جايلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبولاتورىيەلىرىدە جىددىي دىئاگنۇز قويدۇرىدىغان ۋە بالنېتسىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان ئاغرىقلار، ئېغىر ئاغرىقلار كۆپەيدى، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ يامرىشى جامائەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  ئۇنداقتا، ياشانغانلار، بالىلار، سوزۇلما كېسىلى بارلار قاتارلىق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر قانداق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك؟

  بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ مۇھىم مۇداپىئەلىنىش ۋاسىتىسى. ئۇ جامائەتكە، بولۇپمۇ بالىلار، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما كېسىلى بارلار قاتارلىق زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملىتىش ئارقىلىق، يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئېغىر كېسەللەر ۋە ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.

  فېڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس، ھەر يىلى بازار تەخمىنەن 26 مىليون ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بىراق ۋاكسىنا ئەملىتىدىغانلار 20 مىليون ئەتراپىدىلا بولۇۋاتىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك، بىز كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان، كۆرسىتىپ بەرگەن زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى ئاز .

  ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن باشقا مۇداپىيەلىنىش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان پەسىلدە، زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ئامىمىۋى سورۇنلارغا بېرىش ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىمكان بار ئازايتىشى كېرەك. ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشقا توغرا كەلسە، ماسكا تاقىۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قولنى دائىم يۇيۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تازىلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  فېڭ زىجيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئائىلە ئەزالىرى زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان، بولۇپمۇ قىزىپ، يۆتىلىپ قالغان مەزگىلدە، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما كېسىلى بارلار ياكى ھامىلدار ئاياللار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر