باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي جازا سوممىسى 40 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى

بۇ جەرىمانە نېمىشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا قويۇلدى؟

2018.01.10 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 9-ئايدا شەندۇڭ «كەيما» ئاپتوموبىل ياساش چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ «تاڭجۈن ئوۋلىڭ» ئاپتوموبىل ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارىتا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇلغىمىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىغا ساختىلىق ئىشلىتىش قىلمىشىنى قاتتىق جازالاپ، ئىككى ئاپتوموبىل كارخانىسىغا 38 مىليون 770 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تۇنجى قېتىم مەمۇرىي جازا بىلەن جازالىشى بولۇپ، چېتىشلىق جازا سوممىسى غايەت زور بولدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېييۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئوخشاش تۈردىكى مۇھىت ئاسراشقا خىلاپ قىلمىشلارغا كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، سانائەت بۇلغىما مەنبەسىنى تۈزەشتە «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» بولۇشنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ يىل ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىشىنى كونترول قىلىپ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مەملىكەت بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇلغىمىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىدا ساختىلىق ئىشلەتكەن

  ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلىرىغا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولغا چىقمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى چىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى بەرگەن.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئىشلىتىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ مۇھىت ئاسراش قەرەللىك تەكشۈرۈشى، يولدا تەكشۈرۈلگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى ۋە ئالاقىدار ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ئەھۋالى، شۇنداقلا كەسىپ، بازار ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن دىزېل ئاپتوموبىللار ساختىلىققا زەربە بېرىش مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دىزېل ئاپتوموبىللار ساختىلىققا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 1-ئايدا دىزېل ئاپتوموبىللارنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە شەندۇڭ «ماكەي»، «تاڭجۈن ئوۋلىڭ»نىڭ ئاپتوموبىللىرىنى تاللاپ، 3-تەرەپنىڭ تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلغانىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر