- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بوكس شاھى ئىككى ئالتۇن بەلبېغىنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ بوكس كوماندىسى كونا-يېڭى ماھىرلارنىڭ ئالمىشىشىنى تاماملىدى
2018.01.10 16:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى توختاربىك تاڭلاتقاننىڭ ئالتۇن بەلبېغىنى كۆتۈرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا «بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 2-بوكس شاھى ئالتۇن بەلبىغى»، دېدى.
6-يانۋار ئاياغلاشقان «2017 بۈيۈك تاڭ زېمىنى» جۇڭگو بوكس شاھى چېمپيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ خاڭجۇ بېكىتىدىكى مۇسابىقىدە، شىنجاڭلىق ماھىر توختاربىك تاڭلاتقان 75 كىلوگراملىقلار بويىچە بوكس شاھى ئالتۇن بەلبېغىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە ئېرىشكەن 2-بوكس شاھى ئالتۇن بەلبىغى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 14- كۈنى ئاياغلاشقان نەننىڭ بېكىتىدىكى مۇسابىقىدە، شىنجاڭلىق داڭلىق ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى، ئىچكى موڭغۇللۇق بوكسچى خۇرچا بىلىگ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن بەلباغ ۋە «جۇڭگو بوكس شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى.
خاڭجۇ بېكىتىدىكى بۇ مۇسابىقىدە، توختاربىك 75 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنخۇيلۇق ماھىر خۇاڭ يەنخۇي، سەبدىشى ئايبىن قاناتنى يېڭىپ، بۇ تۈردە چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بوكس شاھى، خۇنەنلىك ماھىر ۋېن يىنخاڭغا جەڭ ئېلان قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. ئىككىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبلەر بولۇپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، توختاربېك ئىلگىرى رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ سەككىز مەيدان جاپالىق ئېلىشىش ئارقىلىق، توختاربېك ئاخىرىدا ئومۇمىي نومۇرى 2 : 1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، ئالتۇن بەلباغقا ئېرىشىپ، 75 كىلوگراملىقلار بويىچە «بوكس شاھى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇنداق دېدى: «بىرى 31 ياشلىق كونا ماھىر، بىرى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن يېڭى ماھىر بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو بوكس شاھى چېمپيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن بەلباغقا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياش ئىككى بوكسچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئالمىشىش باسقۇچى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى دېيىشكە بولىدۇ. پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياش، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلدى، بۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى»، دېدى.
جۇڭگو بوكس شاھى چېمپيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بوكس-تېپىك ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو بوكس جەمئىيىتى بىرلىكتە بەرپا قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خاڭجۇ، تيەنجىن، زۇنيى قاتارلىق جايلاردا يەتتە مەيدان شۆبە بېكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 10 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى يەتتە ماھىرنى بەش كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.
ئىككى نەپەر «بوكس شاھى» ئۆزلىرىنىڭ «كېيىنكى نىشانىنىڭ ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشىش» ئىكەنلىكىنى، ئالتۇن بەلباغقا ئېرىشىش بولسا بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىنىڭ جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر