باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى

2018.01.10 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىرا ناھىيەسى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چىرا ناھىيە نوپۇسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 2017-يىللىق 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى.

  چىرا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ناھىيە نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا يېزا، كەنتلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، يېزا-بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپ-يارىدار ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپ-يارىدار ج خ ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چىرا ناھىيە نوپۇسىدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ۋە تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ توغرىلاش ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 130 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 6000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە نەق پۇل شەكلىدە، جەمئىي 780 مىڭ يۈەن تارقىتىپ بەردى.

  بۇ ياردەم پۇلى «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئاجرىتىلىدۇ، ئاساسلىقى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان خوتەن نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى جەريانىدىكى ئوقۇش راسخوتى، كېلىپ-كېتىش قاتناش چىقىمى قاتارلىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە تارقىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر