خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى 10- يانۋار بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىغا بايراق بەردى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.
بايراق بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىك، قۇماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قوراللىق ساقچى قىسىمغا مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت - قوراللىق ساقچى قىسىم- ھەربىي قىسىم رەھبەرلىك، قۇماندانلىق قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا چىقارغان زور سىياسىي قارارى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى