1- ئاينىڭ 9- كۈنى، كورېيە تەرەپتىكى «تىنچلىق ئائىلىسى»دە ئۆتكۈزۈلگەن كورېيە-چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى پانمۇنجومدا ئېلىپ بېرىلدى، چاۋشيەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شەنچۇەن (سولدا) كورېيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، بىرلىككە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى جاۋ مىڭجۈن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ۋە چاۋشيەن 9- يانۋار كەچتە پانمۇنجومدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ پىڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ۋە ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار ئورۇنلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى