باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسەملەش①)

خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاۋ ئېنا

2018.01.11 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى خىزمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىغا كىرگىنىمدە، توققۇز كومىتېت، مىنىستىرلىق يەسلى مائارىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىۋېتىپتىكەن. يىغىندا كۈچ ئاجرىتىپ مەخسۇس بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قارار قىلىندى. شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنمۇ ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  ناۋادا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يەسلى مائارىپىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ رەتلەپ، ئاساسىي مىقدار ۋە ئېھتىياجنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دېيىلسە، ئۇنداقتا كونكرېت سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر قانچە قىيىن مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش دېگەنلىكتۇر.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىلى يەسلى مائارىپىغا ئالاقىدار ئالتە نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىرىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەسلى مائارىپىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئېنىقلايدۇ؛ ئىككىنچى، سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزملىرىدىكى توسالغۇلارنى تىرىشىپ تازىلايدۇ؛ ئۈچىنچى، مەخسۇس نازارەتچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ تۆتىنچى، يەسلىلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوخشاش دەرس ئۆتۈشىنى مەخسۇس تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ؛ بەشىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ئالتىنچى، يەسلى مائارىپىغا ئائىت قانۇن چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يەسلى مائارىپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشۇمچە، ئالاقىدار تارماقلار 2018-يىلى يەنە يەسلى مائارىپىنىڭ خىراجەت سېلىنمىسى ۋە تەننەرخ تەقسىماتى، دۆلەت باشقۇرۇدىغان يەسلىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشتاتى ۋە تەمىناتى، پۇقراۋى يەسلىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سىياسەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىكەن. يەسلى مائارىپىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرى، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قانۇن يولى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان يەسلى مائارىپىغا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىمۇ ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  يىل بېشىدا يەسلى مائارىپىغا ئالاقىدار مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى، مەخسۇس يىغىنلار جىددىي ئېچىلىپ، 2018-يىللىق يەسلى مائارىپى خىزمىتىنىڭ لىنىيە خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلى تەدرىجىي روشەنلەشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر