خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-يانۋار خەلق سارىيىدا شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لوخېلا، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تومېسسون، ئىسلاندىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىگفۇسسون، ئېستونىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نېستور، لاتۋىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇرنېسې، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پرانكېيتىس، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى فېننى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا بىرلىكتە زىيارەتكە كېلىشى شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن كوللېكتىپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى يېڭى شەكىل بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى