- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار تەكلىپنى ماقۇللىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.01.12 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 11-يانۋار مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا تەيۋەنگە ئالاقىدار تەكلىپنى ماقۇللىشى بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىندا «تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلىش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدى، ئالاقىدار تەكلىپ بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ.
لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا، ھەرقانداق ھۆكۈمەت بېرىش-كېلىشى ۋە ئۇچرىشىشى ئېلىپ بارماسلىقىغا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ھەرقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىكىگە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر