باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى گېن ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئويناشنى چەكلەش، 100 مىڭ يۈن جەرىمانە قويۇش جازاسىغا ئۇچرىدى

2018.01.11 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-يانۋار، CBA ئورگان تورىدا شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزاسى لى گېننىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى خەتەرلىك ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئويناشنى چەكلەش، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  9-يانۋار كەچتە، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 26-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، شاڭخەي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جەي يى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لى گېننىڭ بېشىدىن ھالقىتىپ گارغا بېسىپ سېلىپ نومۇر ئالدى، ئارقىدىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىدا، لى گېن جەينىكى بىلەن جەي يىنىڭ قورسىقىغا ئۇرۇپ، «ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى» ھەرىكەت ئىشلىدى، جەي يى شۇ زامان يەرگە يىقىلىپ، قاتتىق ۋايسىدى. CBA شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، مۇسابىقىدىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق لى گېننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ تەنتەربىيە ئەخلاقىغا ئېغىر مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەت مەيداندا ناھايىتى ئاسان ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، بىرلەشمە مۇسابىقىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئىنتىزامى ۋە مۇسابىقىلىشىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئەزاسى لى گېنغا ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئويناشنى چەكلەش، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  بۇ جازانىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا بولغان تەسىرى چوڭ بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى چەت ئەللىك ئەزا لىمانى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئاران تولۇقلانغان سەپ شەكلىدىكى بىرلىكى لى گېننىڭ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىغا چىقالماسلىقى بىلەن قايتا سىناققا ئۇچرايدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى ئۈچ مەيداندا ئايرىم-ئايرىم 1-ئاۋغۇست كوماندىسى، جېجياڭ گۇاڭشيا كوماندىسى ۋە جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئەگەردە بۇ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە بىخەستەلىك قىلىنسا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رېتى ئالدىنقى 10 كوماندا ئىچىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر