باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى پاسپورتىغا 65 دۆلەت ۋە رايوندا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2018.01.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ بېرىپ – كېلىشى جەھەتتە، 2017-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى پۇقرالاردىن تۇنجى سەپىرىدە چەت ئەلگە چىققانلار تەخمىنەن 60 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن، چېگرا سىرتىدا تارماق قۇرغان كارخانا 30 مىڭدىن ئاشتى، چەت ئەلدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار 1 مىليونغا، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 370 مىڭغا يەتتى.

  تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسول مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گو شاۋچۈن 2017-يىللىق كونسول خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى پاسپورتىنىڭ ئىناۋىتى داۋاملىق ئاشتى، ھازىر جۇڭگو پۇقرالىرى ۋىزا بېجىرمەيلا 65 دۆلەت ۋە رايونغا بارالايدۇ. جۇڭگو 10 دۆلەت بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بوسنىيە بىلەن بولغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، يەنە ئىككى دۆلەت كۆپىيىدۇ؛ 40 دۆلەت ۋە رايون ئۆز ئالدىغا ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ۋىزا بېجىرىش ئىمتىيازى بەردى؛16 دۆلەت ۋە رايون ئۆز ئالدىغا ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن ۋىزىسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى؛ يەنە 41 دۆلەت بىلەن 70 پارچە ۋىزا رەسىمىيتىنى ئىخچاملاش كېلىشىمى ھاسىل قىلدۇق ياكى ئورۇنلاشتۇردۇق.

  2018- يىلى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇل مەھكىمىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدىكى كونسۇلخانىلاردا كونسۇل گۇۋاھلىقى بېجىرىش ھەققىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، چەت ئەل پاسپورتى ئىلتىماس قىلىشنى ئالدىن كېلىشىش سىستېمىسىنىڭ يان تېلېفون نۇسخىسىنى رەسىمىي ئېچىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ كونسۇل رايونى ھالقىپ پاسپورت ئىلتىماس قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋىزا بېجىرىشىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر