باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاي چېكى باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن، ئامازون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئامېرىكا بويىچە «تارىختىكى ئەڭ باي» بولۇپ قالدى

2018.01.11 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاي چېكى باھاسى ئۆرلىگەنلىكتىن، ئامېرىكا ئامازون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېف بېزوسنىڭ مال- مۈلكى قىممىتى 105 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 685 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)غا يېتىپ، ئامېرىكا بويىچە يېڭى بىر «تارىختىكى ئەڭ باي» كىشى بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 9-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامازوننىڭ پاي باھاسى 8-يانۋار %1.4 ئۆرلەپ، بېزوسنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى قىممىتىنى 105 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (685 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)غا يەتكۈزگەن. شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان بلۇمبېرگ مىلياردېرلار تىزىملىكى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، بېزوسنىڭ شەخسىي مۈلۈك ساپ قىممىتى 105 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتس ئىلگىرى ياراتقان تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  1999-يىلى ئالاقە تورى كۆپۈكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، بىل گايتىسنىڭ شەخسىي مۈلۈك ساپ قىممىتى قىسقا ۋاقىت 100 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ئىدى.

  بېزوس ئامازون شىركىتىنىڭ 78 مىليون 900 مىڭ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، شەخسىي مۈلۈك ساپ قىممىتىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ پاي چېكىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن. ئامازوننىڭ پاي باھاسى بۇ يىل يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان %7 ئۆرلەپ، 2017-يىللىق پۈتۈن يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى %56 كە يەتتى.

  بېزوسنىڭ ئىلكىدە يەنە «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ۋە ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ساياھەت مۇلازىمىتى كۆك مەنبە شىركىتىنىڭ پېيى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر