- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەرز-شىكايەت قىزىق لىنىيەسى 12315نىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئاشتى
شىنجاڭدىكى 31 تارماققا ئالاقىدار ئىستېمال ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلالايدۇ
2018.01.11 15:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى، 12315 قوماندانلىق مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار يېمەكلىك-دورا، تېز يوللانما مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار مەزمۇندىكى ئەرز-شىكايەت تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالسا، ئەرز قىلغۇچىلارغا پەقەت يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئەرز قىلىش تېلېفونىنى تەمىنلەپ بېرەتتى. ھازىر، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش شىكايەت قىزىق لىنىيەسى 12315 سۇپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ تۈردىكى ئەرز-شىكايەتلەرنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلالايدىغان ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرەلەيدىغان بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 12315 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلباھار ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: « نۆۋەتتە بىز قاتناش-تىرانسپورت، يېمەكلىك-دورا، تۇرالغۇ، پوچتا، تېلېگراف قاتارلىق سەككىز فۇنكسىيەلىك تارماققا ئائىت ئەرز-شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلالايمىز. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەرز-شىكايەت قوبۇل قىلىش يولى ۋە دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئىچىدە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 31 فۇنكسىيەلىك تارماقنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە يېتىمىز.»
نۆۋەتتە، 12315 سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەرز-شىكايەت قىزىق لىنىيەسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن قايتا بىرىكتۈرۈلۈپ، تېلېفون، تور بېكىتى، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەرز-شىكايەت قىلسا بولىدىغان بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر