باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاشىنگتوندا يىغىلىش- ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش تەلەپ قىلىندى

2018.01.12 16:27   مەنبە: خەلق تورى

ۋاشىنگتوندا يىغىلىش- ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش تەلەپ قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئاقساراي سىرتىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

  2002-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا كۇبانىڭ گۋانتانامو قولتۇقىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا تۈرمە تەسىس قىلىپ، «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى يەر شارى بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قاماشقا ئىشلەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىدە تۇتۇۋالغان «قانۇنسىز ئۇرۇش خادىملىرى»، شۇڭا «جەنۋە ئەھدىنامىسى»دە بەلگىلەنگەن ئەسىرلەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ، دەپ قارىدى. بۇ تۈرمە چەت ئەلگە جايلاشقان بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، قانۇندىن سىرت بىر رايون بولۇپ قالدى. بۇ تۈرمە ئېچىلغاندىن بۇيان، ئىچكى قىسمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئۈزۈلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى
    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…