باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەر دىققەت! ئىجتىمائىي سۇغۇرتاڭلارغا ئىككى چوڭ پايدا قوشۇلىدۇ

2018.01.12 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىلەر دىققەت قىلىڭلار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتاڭلاردا ئىككى چوڭ تەڭشەش بولىدۇ.

  ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدا يەنە مۇھىم سىياسەت چىقىرىلىدۇ

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا بىرلىكتە «تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ تىرانسپورتى، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئايرودروم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىشتا يارىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە كۆچمە ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشقا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان تۈر ۋە بۆلەكلەرنى مەسئۇل تارماقلار، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەرتىپكە سېلىشى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى ۋاقىتىدا تولۇقلاپ بېجىرىپ، «سۇغۇرتىغا قاتناشماي تۇرۇپ ئالدىن ئىش باشلاش» ھەتتا «قۇرۇلۇشلا قىلىپ سۇغۇرتىغا قاتناشماسلىق» ئەھۋالىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا كۆچمە ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەر قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جاڭ يى مۇنداق دېدى: سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشتا يارىلانغان ھامان تۈرلۈك ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ داۋالاش ۋە قاراش ھەققى يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ.

  دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشسىز قالغاندىن كېيىن ئىشىسزلىق پۇلى ئالالايدۇ

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2017-يىلى 11-ئايدا «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىزامى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالغان، «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كونكرېت ئېيتقاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان توختام تۈزۈمىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزى ھەق تاپشۇرماسلىق، ئىشسىز قالغاندىن كېيىن بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىشتەك ئالاھىدە بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا ھەققى تاپشۇرۇش ۋە تەمىناتتىن بەھرىلىنىش ئۇسۇلى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۈزۈم جەھەتتن شەھەر-يېزىلارنىڭكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئادىل بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۇقۇشۇمچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت، بەلگىلىمە بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزى ھەق تاپشۇرمايدىكەن، لېكىن ئىشسىز قالغاندىن كېيىن پەقەت بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىلا ئالالايدىكەن، بۇ شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىدىن تۆۋەنكەن، باشقا كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىمۇ يوق بولۇپ بولۇپ، ئومۇمىي كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەنكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر