خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆي-زېمىن ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۆي-زېمىننى رەنىگە قويۇش ۋە ئۆي-زېمىننى رەنىدىن قايتۇرۇش كەسپىنى بانكا مۇلازىمىتىگە قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لۇ شاڭپىڭ سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئورنىدا 10 مىنۇتتىلا ئۆزىنىڭ رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ ئىش بېجەرسەم، پەقەت بېرىش ئۈچۈنلا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى. بارغاندىن كېيىن نومۇر ئېلىش، ئۆچرەت تۇرۇش... بىر قېتىملىق رەنىگە قويۇش كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى. ھازىر ناھايىتى قولايلىق بولدى، ئۆيۈمدىن چىقىپلا سودىگەر چاقىرىش بانكىسىغا بارسام بولىدۇ، ئۆچرەت تۇرۇشمۇ كەتمەيدۇ، 10 مىنۇتتىلا كەسىپنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ.
ئۆي-زېمىن ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى رەنىگە قويۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى فەن ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، بىز ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولىدىكى سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، قىزىلبايراق يولىدىكى قاتناش بانكىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ گۇاڭمىڭ يولىغا جايلاشقان تەڭرىتاغ رايونى تارماق مەركىزى ۋە شىمىگو رايونى يىمىن سارىيىدىكى تارماق مەركىزىدىن ئىبارەت تۆت جايدا ئۆي-زېمىننى رەنىگە قويۇش ۋە رەنىدىن قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش پۇكىيى تەسىس قىلدۇق. نۆۋەتتە بۇ تۆت جايدا پەقەت تۇرالغۇ جامائەت فوندى ۋە ئۆز بانكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان رەنىگە قويۇش ۋە رەنىدىن قايتۇرۇش كەسپى بېجىرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى