باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ئاسىيادىن سۈرۈلگەن ئاجىز سوغۇق ئېقىمى 12-يانۋار ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2018.01.12 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن سۈرۈلگەن ئاجىز سوغۇق ئېقىمى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. ناۋادا سىز ھەپتە ئاخىرى قار تېيىلىش تاختىسى، كانكىرىڭىزنى ئېلىپ تاغقا چىقماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ، چۈنكى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا بۇ سوغۇق ئېقىم بىلەن بىللە كېلىدۇ.

  كونىلاردا، توققۇز چىللىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى چىللە يامان، دەيدىغان گەپ بار. ئۈچىنچى چىللە كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىلىكلەر ئەكسىچە، ئۇزاق كۈتكەن ئىللىق قۇياش نۇرى ۋە ئاستا-ئاستا ئىللىۋاتقان تېمپېراتۇرىنى كۆردى. لېكىن، قىش كۈنىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ھەمىشە سەمىمىي بولمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە، 12-يانۋار بىر مەيدان سوغۇق ئېقىم ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن، ئاز مىقداردا قار ياغىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا تۆت بالدىن بەش بالغىچە شەرقىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، ھەپتە ئاخىرىدا، تېمپېراتۇرا يەنە قايتا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر