باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى ياپونىيەنىڭ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا چېگراداش رايونغا كىرگەنلىكىنى كۆپتۈرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2018.01.12 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى 11-يانۋار ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا چېگراداش رايونغا كىرگەنلىكىنى كۆپتۈرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى .

  سوئال: ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 11-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتى شۇ كۈنى دياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىغا چېگراداش رايون سۇ دائىرىسىگە كىرگەن،دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنى ئىسپاتلاپ بەرسىڭىز ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرسىڭىز.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسى مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئىككى پاراخوتى جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلىنىڭ چىۋېي ئارىلى شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە چېگراداش رايونىغا كىرگەن. كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «يىياڭ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوتى دەرھال ھەرىكەت قىلىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلارغا كىرىپ پۈتۈن جەرياننى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى. نۆۋەتتە، ياپونىيە پاراخوتى يۇقىرىدا ئېيتىلغان چېگراداش رايوندىن ئايرىلدى.

  شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن، جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دېڭىز تەۋەسىدىكى ھەرىكىتى پۈتۈنلەي يوللۇق ۋە قانۇنلۇق. ياپونىيە تەرەپ بۇنىڭغا كۆڭلىدە بىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا «سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك، ئاقنى قارا دەپ، ھەق -ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەدەپ داۋراڭ سېلىپ ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلۇق ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ھەدەپ كۆپتۈردى، بىز بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  جۇڭگو ئارمىيەسى ئىلگىرىكىدەكلا بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر