خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، نەنجىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدا، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى ساختا بېلەت قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى سانىماقتا.
يېقىندا، نەنجىڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پەۋقۇلئاددە زور ساختا چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتى ياساش دېلوسىنى پاش قىلدى. دېلونى بېجىرگەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نەنجىڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى يېقىندا «2018 __ ئوۋ بۈركۈتلىرى بېلەت ھايانكەشلىرىنى ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، جىنايى ئىشلار ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ رازۋېدكا قىلىش، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئەنخۇي ئۆلكىسى يىنشاڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىغا يوشۇرۇنغان ساختا پويىز بېلىتى ياساش قارا ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى چېن فامىلىلىكنى قولغا ئالغان، نەق مەيداندا 182 پارچە ساختا پويىز بېلىتى ۋە 2033 پارچە يېرىم تەييار مەھسۇلات، بىر دانە ساختا بېلەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر، پىرىنتېردىن ئۈچنى قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارىنى نەنجىڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغان، دېلو ھازىر داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى