باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 2017-يىلى 527 مىڭ كىشىگە جازا بېرىلدى

بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە باشلىقى، منىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار 58 كىشى

2018.01.11 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 2 مىليون 733 مىڭ پارچە (قېتىم) ئەرزىيەت، پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، 1 مىليون 251 مىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 284 مىڭ كىشى (قېتىم) بىلەن سۆزلەشكەن ياكى خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرگەن، 527 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 527 مىڭ كىشىگە جازا بەرگەن (بۇنىڭ ئىچىدە 443 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن). جازا بېرىلگەنلەر ئىچىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر 58، نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىر 3300 دىن كۆپرەك، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىر 21 مىڭ، يېزا باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىر 78 مىڭ، ئادەتتىكى كادىر 97 مىڭ كادىر، يېزا، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملار 327 مىڭ كىشى.

  2017-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى بويىچە «تۆت خىل ھالەت» نى قوللىنىپ، 1 مىليون 316 مىڭ كىشى (قېتىم)نى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1-خىل ھالەت بويىچە 786 مىڭ كىشى (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنىپ، «تۆت خىل ھالەت» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %59.7 ؛ 2- خىل ھالەت بويىچە 412 مىڭ كىشى (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنىپ، %31.3 نى؛ 3- خىل ھالەت بويىچە 70 مىڭ كىشى (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنىپ، %5.3 نى؛ 4-خىل ھالەت بويىچە 48 مىڭ كىشى (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنىپ، %3.7 نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر