باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇچى بار چوڭ سىنىپلار يوقىتىلىدۇ

2018.01.12 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇ ۋېييۆ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە شەرق، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 6 ئۆلكىگە باردىم، خىزمەتلەردە نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار بولسىمۇ، بىراق كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بەزى ئىشلارنى بايقىدىم. «ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ئېلان قىلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، قىسمەن جايلار يولغا قويۇش پىكرى ۋە ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى تېخى ئېلان قىلماپتۇ. بۇلتۇر 6-7 ئايلاردا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش گوۋۇيۈەننىڭ 4- قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. دۆلەت مائارىپقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «بىر قانچە پىكىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

  2018-يىللىق شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى بار بولدى—

  بىر تەرەپتىن «بىر قانچە پىكىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، «يېزىلاردا ئاجىز، شەھەر،بازارلاردا قىستاڭچىلىق بولۇش» مەسىلىسى يىنىكلىتىلىدۇ. چوڭ سىنىپلارنى يوقىتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەجبورىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇچى بار چوڭ سىنىپلارنى يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ، يېزا- بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2019-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئىككى تۈردىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلكە بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر مەكتەپ قۇرۇلسا، بىرىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا تىرىشىلىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسى بىلەن دۆلەت نوپۇس ئامبىرىنى سېلىشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالى ئېغىر رايون، ناھىيەلەردە«بىر ناھىيەگە بىر سىياسەت»تۈزۈلۈپ ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەش، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى لايىھىسىنى تۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ،مائارىپ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشمۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر