- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىن ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش دائىرىسىگە يەنە ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر كىرگۈزۈلدى
2018.01.11 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار، سىرتتىن شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەيدىغانلار، ئىگىلىك تىكلەيدىغانلارمۇ ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن باشقا جايلارغا ئورۇنلاشقان، باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان، دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىدىغان، باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەر، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىككى سۇغۇرتا تۈرىدە ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈچىلەر ۋە سىرتتىن كېلىپ ئىشلەيدىغانلار، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرمۇ ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر