خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورۇنداش ئۈچۈن چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىش كېرەك، پارتىيە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قايتىدىن تولۇق قوراللىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى، پارتىيەنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى تۈپتىن ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى