باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭدا 30 تۈرلۈك كىنىشكا بىر تىجارەت كىنىشكىسىغا بىرلەشتۈرۈلىدۇ

2018.01.11 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «20 خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى يەنە داۋاملىق يولغا قويىدۇ، 2018-يىلى 10-ئايغا بارغاندا، تىجارەت كىنىشكىسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن كىنىشكا تۈرلىرى 30 غا يېتىدۇ.

  10-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتى كارخانىلارنىڭ كىنىشكا ئىشلىرى تۈرلىرىگە چېتىلىدىكەن، 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتنامىلەرنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ۋە «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر توپلاش، خاتىرىلەش، باشقۇرۇش تىپىدىكى ھەر خىل كىنىشكىلەرنى «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، تىجارەت كىنىشكىسىگە بىرلەشتۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر