خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئاسما ئوكۇل مەركىزىدە سېستىرالار بىر كىچىك بىمارغا ئوكۇل ئاسماقتا (1-ئاينىڭ 10- كۈنى فوتوسى).
قىش پەسلىنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلگە كىردى. تېببىي خادىملار پائال تەدبىر قوللىنىپ، جىددىي كېسەللىكلەر كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇردى. بەزى دوختۇرخانىلار قىش پەسلىدىكى جىددىي داۋالاش يۇقىرى پەللىسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپ، قىش پەسلىدە كېسەل كۆرسىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە پائال تاقابىل تۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى