باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا-ئاسىيا ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۇ پىلاننى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تۇتاشتۇرماقچى بولدى

2018.01.11 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شى ۋېي 10- يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىڭى بىر يىلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەقەززا بولماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر ئۆزىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈمەكتە، ھەمدە ئۇ پىلاننى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تۇتاشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.

  شى ۋېي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ھەمدە ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2015- يىلى جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بريۇسسېلدا ئۇچرىشىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ساھەسىدە ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى، ھەمدە «ئالاقىلەرنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى سۇپىسى» قۇرۇشنى قارار قىلدى. 2017- يىلى 5- ئايدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق كاتتا باشلار مۇنبىرى مەزگىلىدە، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو بەزى يېتەكچىلىك خاراكتېرىدىكى پىرىنسىپلارنى ئورتاق بەلگىلىدى. بۇنىڭدا، ئېچىۋېتىش، ئوچۇق بولۇش، پۇل مۇئامىلە ۋە مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

  شى ۋېي يەنە مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر ئۆزىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزمەكتە. مەزكۇر پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئىشى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر ياخشى رامكىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇ جۇڭگو ۋە باشقا ياۋروپا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر پىلاننى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن كونكرېت تۇتاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر