باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ھۆكۈمەتنىڭ تۇرالغۇ يەر بىلەن بىردىنبىر تەمىنلىگۈچى بولۇش ئەھۋالى تەدرىجىي ئۆزگەرتىلىدۇ

2018.01.16 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ سوبيېكت تەمىنلەيدىغان، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدىغان، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ قوللىنىلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىزدە ھۆكۈمەتنىڭ تۇرالغۇ يەر بىلەن بىردىنبىر تەمىنلىگۈچى بولۇش ئەھۋالى تەدرىجىي ئۆزگەرتىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ 15- يانۋار مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ تۇرالغۇ يەر بىلەن بىردىنبىر تەمىنلىگۈچى بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ھوقۇق تەۋەلىكى ئۆزگەرمەسلىك، يەر ۋە شەھەر يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆي- زېمىن كارخانىسى بولمىغان كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يېرىنى تۇرالغۇ يېرى قىلىپ ئىشلىتىش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، يېزا كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك يەر تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ سوبيېكت تەمىنلەيدىغان، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدىغان، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈشگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە كىشىنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر