خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن-كورىيە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى 15- چېسلا پانمۇنجومدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ پىڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھارپىلىرىدا، چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كورىيەگە بېرىپ ئويۇن قويۇش ئىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،چاۋشيەن تەرەپ سەنچىيۇەن ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ 140 نەپەردىن ئارتۇق خادىمى كورىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن، ھەمدە جياڭلىڭ ۋە سىئولدا ئويۇن قويۇدىكەن. كورىيە تەرەپ چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. چاۋشيەن تېزدىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ كورىيەگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈدىكەن. ئىككى تەرەپ ئويۇن قويۇش ئورنى، سەھنە ۋە سايمان-ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولغان باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈستىدە پانمۇنجومدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق كېڭەش ئېلىپ بارىدىكەن.
كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن تەرەپ تەكلىپ بېرىپ، 17- چېسلا پانمۇنجومنىڭ كورىيە تەرەپتىكى «تېنچلىق ئائىلىسى»دە چاۋشيەن تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پىڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئەمەلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كورىيە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
9- چېسلا كەچتە، چاۋشيەن-كورىيە ئىككى تەرەپنىڭ پانمۇنجومدا ئۆتكۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ پىڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ۋە ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلىرى تارمىقى سۆھبىتى قاتارلىق ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى