1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو- پاكىستان تەكشۈرۈش خادىملىرى «تەجرىبە-3» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىدا دېڭىز ئاستى سېيسموگرافىنى قويۇپ بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ «تەجرىبە-3» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى شىمالىي ھىندى ئوكياننىڭ موكران دېڭىز جىلغىسىدىكى نىشانلانغان دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق شىمالىي ھىندى ئوكياندا بىرلىكتە ئېلىپ بارغان كۆپ پەنلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى