باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرى پىلانىدىن بۇ يىل يەنە 200 مىڭ مو كېمەيتىلىدۇ

ئېلىمىز ئۆيلۈك يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش» ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ

2018.01.16 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى خىزمەت يىغىنىدىن ئۇقۇشۇمچە، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى 2018- يىلى تېزلىتىلىدىكەن. باشقۇرۇش-كونترول قىلىش خاراكتېرلىك قوغداش جەھەتتە، «ئىگىلىۋالماسلىق، ئاز ئىگىلەش» تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرى پىلانى ئۇدا تۆت يىل كېمەيتىش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە 200 مىڭ مو كېمەيتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش كۆلىمىمۇ مۇناسىپ كېمەيتىلىدىكەن. قۇرۇش خاراكتېرلىك قوغداش جەھەتتە، «تولۇقلاش، ئەلالاشتۇرۇش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. يېزا يەرلىرىنى تۈزەش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، بۇ يىل 80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتىرلىق قوغداش جەھەتتە، «پايدىنى تەڭشەش» رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان دېھقانلار ۋە كەنت كوللېكتىپ تەشكىلاتلىرىنى مۇكاپاتلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىكەن.

  مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلار ئالاھىدە قوغدىلىدىكەن. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: بېكىتىلىپ بولغان مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئادەتتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىگىلىسە بولمايدۇ، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى چەتنەشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز بولسا، چوقۇم قاتتىق دەلىللىنىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا يوللاش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئىگىلەش قىلمىشىىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش- تولۇقلىما بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش جەھەتتە، قۇرۇلۇش يېرى تۈرى بىلەن تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش تۈرىنى بىرمۇ بىر ئۆزئارا باغلاش ئۇسۇلى كۆپ خىل يول ئارقىلىق تولۇقلاش، كۆپ خىل مەبلەغ سېلىنمىسى بولغان تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش- تولۇقلىما بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەدبىرىگە ئۆزگەرتىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش- تولۇقلاشنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  جياڭ دامىڭ يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ دېھقان ئائىلىسى سالاھىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىدۇ. بۇ بىر بىر مۇھىم نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىش. لېكىن شەھەرلىكلەرنىڭ يېزىغا بېرىپ ئۆيلۈك يەر سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ دېگەن چەكلىمىنى بوشىتىشقا بولمايدۇ، يېزىلارغا بېرىپ ئۆيلۈك يەرگە داچا، خۇسۇسىي ساراي سېلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر