باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق كىرىم ۋە پايدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ سۈپەتلىك بولدى

2018.01.16 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەز كارخانىلىرى، يەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرى يىغىنىدىن ئۇقۇشۇمچە، 2017-يىلى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى 50 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 26 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %13.3 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %15.2 ئاشقان، كىرىم ۋە پايدا سىجىل تېز ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 54 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلانغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر مەركەز كارخانىلىرى گۇرۇھ قاتلىمىدىن شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ھەر دەرىجىلىك تارماق كارخانىلارنىڭ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش كۆلىمى %97.8 يەتكەن. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، مەركەز كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2/3 دىن ئاشقان، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مۈلۈك نىسبىتى %63تىن ئېشىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر