باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر:

باغراش ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار قىشتىمۇ بىكار قالماي، ئىش تېپىپ ئىشلىدى

2018.01.15 16:20   مەنبە: خەلق تورى

باغراش ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار قىشتىمۇ بىكار قالماي، ئىش تېپىپ ئىشلىدى

  10-يانۋار، باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسى كۆكمودۇن كەنتى 3-مەھەللىسىدىكى دېھقان قۇربان ھەسەن باغراش ناھىيەسى لوشياۋەن قومۇشزارلىقىدا كومبايىن بىلەن قومۇش ئورۇماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، باغراش ناھىيەسى تابانجۆكىن يېزىسى كۆكمودۇن كەنتى 3-مەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان قۇربان ھەسەن باغراش ناھىيەسى لوشياۋەن قومۇشزارلىقىدا كومبايىن بىلەن قومۇش ئورۇماقتا.نۆۋەتتە، باغراش كۆلىدىكى 600 مىڭ مو قومۇشزارلىقتا قومۇش ئورۇش داۋاملاشماقتا، توڭلاپ مۇز تۇتۇپ كەتكەن كۆلنىڭ ئۈستىدە شۇ يەرلىك كىشىلەر قىشتىكى بىكار ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قومۇش ئورۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قومۇش ئورۇپ كۈندىلىك تاپىدىغان ئىش ھەققى 200 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولۇپ، بۇ شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىش تېپىپ ئىشلەپ، پۇل تېپىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. قومۇش ئورۇش ئىشى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

  باغراش كۆلى مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلدە كۆلىمى 600 مىڭ مودىن ئاشىدىغان قومۇشزارلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۆت چوڭ قومۇشزارلىقنىڭ بىرى. قومۇش زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە زور ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە ئىگە، ئۇنىڭ كۆل سۈيىنى تاتلىقلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، كىلىماتنى تەڭشەشتە ئالاھىدە رولى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى
    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى
    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى