باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەنتەربىيە مەيدانى تارىختا تۇنجى قېتىم ئاياللارغا ئېچىۋېتىلدى

ئائىلە رايونى تەسىس قىلىنىپ، بويتاق ئەرلەر بىلەن ئايرىۋېتىلدى

2018.01.15 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى جىددەدىكى جوكخارا تەنتەربىيە مەيدانى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە نۇرغۇن ئايال تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئەر تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆردى. بۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ئاياللارغا ئېچىۋېتىلىشى بولۇپ قالدى.

  بۇلتۇر 10-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 2018-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۈچ چوڭ شەھىرى رىياد، جىددە ۋە داماندىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىزچىل ناتونۇش ئەر-ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇچرىشىشى بىلەن ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىش سەۋەبلىك، ئاياللارنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈشى چەكلەنگەن ئىدى.

  جوكخارا تەنتەربىيە مەيدانى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئاياللارغا ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ قالدى. رىياد ۋە داماندىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىمۇ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئايال تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

  تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا ئەر ئائىلە ئەزالىرى ھەمراھ بولغان ئايال كۆرۈرمەنلەرگە ئائىلە كىرىش ئېغىزى ۋە ئورۇن رايونى تەسىس قىلىنىپ، بويتاق ئەر تاماشىبىنلار بىلەن ئايرىۋېتىلدى.

  شۇ كۈنى، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن مۇسابىقىنى كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭ ئايال تاماشىبىن بار. ئۇلار ئەر تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزى قوللىغان كوماندىغا مەدەت بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر