- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى
سانائەت بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ گۇمان قىلىنماقتا
2018.01.15 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان سانائەت شەھىرى تۆمۈرتاغدا يېڭى يىلدىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن ئارقا-ئارقىدىن «قارا قار» ياغدى. ئاھالىلەر، سانائەت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئاپئاق قار قارىداپ كەتكەن، دەپ قاراپ، ھۆكۈمەتتىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 11- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۆمۈرتاغنى قارا رەڭلىك چاڭ-توزان قاپلاپ كەتكەن، ئاسماندىن «كۆمۈردەك» قاپقارا قار ئۇچقۇنلىرى چۈشكەن. بىر ئاھالە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىسىدە: «بىز بۇنداق تۇرمۇشقا چىداپ بولالمىدۇق، بۇ بىزنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ»، دەپ يازدى.
تۆمۈرتاغ قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر سانائەت مەركىزى. قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر كارخانىسى بولغان قاراغاندا مېتاللورگىيە بىرلەشمە زاۋۇتى جايلاشقان بولۇپ، ئارسېلور مىتتار تۆمۈرتاغ پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئىگىدارلىقىدا. ئارسېلور مىتتار تۆمۈرتاغ پولات-تۆمۈر شىركىتى يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ پولات-تۆمۈر كارخانىسى بولغان ئارسېلور مىتتار پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى.
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنىڭ قارىشىچە، قاراغاندا مېتاللورگىيە بىرلەشمە زاۋۇتى قويۇپ بەرگەن بۇلغىمىلار ئاپئاق قارنىڭ قارىداپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر