خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا، فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې دېرىئان، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى گابرىل، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جونسون، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىي يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگخېرىن (سولدىن سانىغاندا) قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. 11-چېسلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىي يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگخېرىن فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن بريۇسسېلدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى قەتئىي قوغدايدۇ ۋە ئادا قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى