باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى

2018.01.15 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى)

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فونكسىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھازىر گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر بەردۇق:

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا، يەنى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش،خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋەكالىتەن دۆلەت مۈلكىگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى بار. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستىسى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىگە ئائىت قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانا دۆلەت مۈلكى قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، دۆلەت كاپتالى تىجارىتى خامچوتى تۈزۈمى، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فونكىسىيەسى بەلگىلىك كۈچەيدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، دۆلەت مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى تەدىرىجىي راۋانلاشتى، بوغالتىرلىق- ئىستاتىستىكا قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەر كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فونكسىيەسىنى قارى قىلدۇرۇشى دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس، تۈزۈم جەھەتتە يەنە مۈكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىينىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فونكسىيەسىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم ئۇل خىزمىتى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئاشكارىلاشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىناۋىتى ئۆستۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقىنى ياخشى باشقۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنىكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر