خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، فىنومپېندىكى «تىنچلىق» سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ سېن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا يېقىن قوشنا، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، كامبودژانىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كامبودژا بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە ياردەم قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-كامبودژانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى