باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2018.01.15 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 177 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە چوڭقۇر شەرھلەندى، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرى يەنىمۇ يەكۈنلەندى، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئىلمىي تەھلىل قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورۇنداشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىش، پارتىيە چوقۇم يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى. بۇ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆزلىگەن، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلىغان، مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان سۆز بولۇپ، قەتئىي غايە- ئېتىقاد، روشەن خەلقچىل مەيدان، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىسىدىن يانماي، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھى شەرھلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، يېڭى تەلەپ قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر