باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم يېقىندا سۇرىيە ۋە ئىراققا ۋاقتىنچە ساياھەتكە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى

2018.01.15 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 13-يانۋار يەنە بىر قېتىم يېقىندا سۇرىيە ۋە ئىراققا ۋاقتىنچە ساياھەتكە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  يېقىندا، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۇرىيە ۋە ئىراققا ۋاقتىنچە بارماسلىق ساياھەت بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سۇرىيەگە بارماسلىق ئەسكەرتمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، ئىراققا ۋاقتىنچە بارماسلىق ئەسكەرتمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئىدى. لېكىن دۆلەت ئىچىدە يەنىلا قىسمەن ساياھەتچىلەر ئۆزى ساياھەتكە بارغان، ئايرىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى يۇقارقى ئىككى دۆلەتتە ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقارقى ئىككى دۆلەتكە ۋاقتىنچە بارماسلىقنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ يۇقارقى ئىككى دۆلەتتە ساياھەت قىلىشقا ئۆمەك تەشكىللەشكە بولمايدىغانلىقىنى، شۇ جايغا بېرىپ بولغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلىشىنى ھەمدە تېزدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر