سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ساقچى ئاپشاركىسى «ۋېينى» زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىزدەش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، شاڭخەيدە تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەنلىدى، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتى 10-تارماق ئەترىتىنىڭ مەشىق يېتەكچىسى ۋە ساقچى ئاپشاركىسى قاتتىق سوغۇققا قارىماي «سەرخىل ئەسكەر» مەشىقى قىلماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ئون تارماق ئەترەتتە ھازىر 100دىن ئارتۇق ساقچى ئاپشاركىسى بار بولۇپ، ئاساسلىقى قان يۇقىنى ئىزدەش، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئىزدەش، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىزدەش، ئىزدەپ تۇتۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، ساقچى ئىتلىرىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى