باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەت مۇھاكىمە قىلىندى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.01.15 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇھاكىمە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى- سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان پىكىر ئاساسىدا تۈزەتكەندىن كېيىن، ھۆججەت ئارگىنالىنى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تارىخىي مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر