- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەدىكى بىر ئاشخانىدا كەڭ كۆلەمدە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2018.01.15 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەنىڭ شەرقى سىبىرىيە رايونى بۇريات جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 14-يانۋار ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇريات جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلان-ئۇد شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىدا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 133 ئادەمنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 14- يانۋارغىچە، جەمئىي 133 كىشىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن، بۇ كىشىلەر ئايرىم -ئايرىم ئۇلان-ئۇد شەھىرى مەركىزىدىكى بۇ رېستوراندا تاماق يېگەن. 64 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 بالا بار ئىكەن.
دوختۇرخانا تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندىن كېيىن، زەھەرلەنگەنلەرنى سالمونېللا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغان يېمەكلىك ئىستېمال قىلغان، دەپ قارىدى. نۆۋەتتە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئاشخانا پېچەتلەندى، شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقتا، ساقچى تەرەپ جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر