خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى «زىگۇاڭگې» تور بېكىتىنىڭ «خىزمەت كومىتېتى رەھبەرلىرى» سەھىپىسى يېڭىلاندى، لياڭ يەنشۈن 2017-يىلى 12-ئايدا مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولدى. قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، لياڭ يەنشۈن ئىلگىرى گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
لياڭ يەنشۈننىڭ تەرجىمىھالى
لياڭ يەنشۈن، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىل 12-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن ناھىيەسىدىن، ئاسپرانت، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، تەتقىقاتچى، دوكتور يېتەكچىسى. 1983- يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ھازىر مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.
2016-يىلى 1-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2017-يىلى 2-ئايدىن 2017- يىلى 6-ئايغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2017-يىلى 6-ئايدىن 2017- يىلى 12-ئايغىچە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2017-يىلى 12-ئايدا، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى