باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىڭىزنىڭ ھەمىشە چىشىنى غۇچۇرلىتىشى بەلكىم بوزەك قىلىنغانلىقىدىن بولسا كېرەك

2018.01.15 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياش-ئۆسمۈرلەر ھەمىشە چىشىنى غۇچۇرلاتسا، ئۇ، مەكتەپتە بوزەك قىلىنغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا «ئېغىز بوشلۇقىنى تۈزەش ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يەنى بىرازىلىيەدىكى 300 نەپەر 13- ياشتىن 15- ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، مەكتەپتە ئىلگىرى بوزەك قىلىنىشقا ئۇچىرىغان بالىلارنىڭ كېچىلىرى چىشىنى غۇچۇرلىتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا بالىلارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.

  ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق فوندى جەمئىيىتىدىكى نىگېل كات دوكتورنىڭ قارىشىچە، بۇ، بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇل، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ بوزەك قىلىنغانلىقىنى بايقىشىدىكى مۇھىم بىر سىگنال ھېسابلىنىدىكەن.

  كات دوكتورنىڭ دېيىشىچە، كېچىدە چىشىنى غۇچۇرلىتىش كېسىلى ئادەم بەدىنىگە بەك زىيانلىق بولۇپ، ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى چىش كېسەللىكىنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭدا چىش سەزگۈرلىشىپ كېتىش، چىش بۇزۇلۇش، چىش يوشۇرۇن يېرىقى، يۈز قىسىمى ۋە جاغ سۆڭىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەمما، ئادەملەر تېخى بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىشتىن چىققان ئاۋاز خۇددى دۈگىلەك ھەرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن چىقىرىشىغا ئوخشايدۇ، بۇنداق ئاۋاز ئادەتتە بېسىم بەك چوڭ بولىۋاتقان ياكى كۆپ تەشۋىشلىنىش كېسىلى بار قۇرامىغا يەتكەنلەرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل بىمارنىڭ چىشى تۈز ۋە چىش گىرۋىكى بۇزۇلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، ئۇلاردا ئەتىگەنلىكى تۇرغاندا دائىم سىجىل ھالدا باش ئاغرىش ۋە ئېڭەك ئىششىپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

  ئاتا-ئانىلار ئەگەر بالىلىرىدا چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئەھۋالىنى بايقىسا، مەكتەپ بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، بالىلىرى بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە بوزەك قىلىنغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلىپ، بالىلىرىغا ۋاقتىدا پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلىرىنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق چىش دوختۇرلىرىغا كۆرسىتىشكە ئېلىپ بېرىپ، بالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر