باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى توسۇۋېلىپ يۈرگۈزمەسلىكنىڭ خەتىرى زادى قانچىلىك؟

2018.01.15 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېفېي، باۋجى، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلىۋېلىپ ماڭغۇزماسلىق، تېلېفون قىلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئۆزىنى ساقلاشنى ئېيتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئۈن-سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى يولۇچىلار ئۆزىنى خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخى يەنە قىلغانلىرىنى توغرا دەپ قاراپ، تۆمۈريول تارماقلىرى ۋە شۇ پويىزدىكى يولۇچىلارغا قىلچىمۇ ناماقۇل بولۇپ ئەپۇ سوراشنى خالىمىدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى مەجبۇرىي توسۇۋېلىپ ماڭدۇرماسلىقنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ تۆۋەندە بىز مۇتەخەسسىسلەر ۋە تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ سان-سېفىر بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن چۈشەندۈرۈشىنى كۆرەيلى.

  پويىز ۋاقتىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى سىكۇنتنى ئۆلچەم قىلىپ ھېسابلىنىدۇ

  5-يانۋار، بېڭبۇ جەنۇبىي ئىستانسىسىدىن گۇاڭجۇ جەنۇبىي ئىستانسىسىغا قاراپ يولغا چىققان G1747 نومۇرلۇق پويىز بېكەتتە توختىغاندا، بالا كۆتۈرۈۋالغان لو فامىلىلىك بىر ئايال يولدىشىنى ساقلاشنى سەۋەب قىلىپ، ئىشىكنىڭ يېپىلىش ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ، پويىز ئىشىكىنى ياپقۇزمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك پويىزنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېروفېسسورى سۈن جاڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېز، يولغا چىقىش ئۈنۈمى يۇقىرى، باشقۇرۇشى تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى سىكۇنت بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يول ئۈستىدىكى بېكەتلەردە توختاش ۋاقتى ئاساسەن ئىككى-ئۈچ مىنۇت بولۇپ، بۇ تۆمۈريول خادىملىرىنىڭ پويىزغا چىقىدىغان ۋە پويىزدىن چۈشىدىغان يولۇچىلارنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پويىزنىڭ توختايدىغان بېكىتى ۋە توختاش ۋاقتىغا نىسبەتەن ئىنچىكە ھېسابلىنىلىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يولۇچىلارنىڭ پويىز ئىشىكە ئېسىلىۋېلىشى پويىزنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە ئىشىكنىڭ تاقىلىش سىستېمىسى ئىشىك يېپىلغۇچە بىرەر نەرسىنىڭ قاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىسا، ئاپتوماتىك ئېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۈچ قېتىم تەكرارلانسا، ئىشىكنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئېچىپ تاقاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا كېتىغان ۋاقىت تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، پويىزنىڭ كېچىكىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ.

  پويىزنىڭ يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كېچىكىپ قالغان پويىزلار يان لىنىيەگە چىقىرىۋېتىلىپ، دەل ۋاقتىدا يولغا چىققان پويىزلارغا يول بېرىپ، بۇيرۇق كۈتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گەرچە خېفېي بېكىتىدە بەش مىنۇت كېچىككەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا بۇ پويىزنىڭ كېچىكىش ۋاقتى پەقەت بەش مىنۇتلا بولمايدۇ.

  كېچىكىش بىرلا پويىزنىڭ كېچىكىشى بىلەن تۈگىمەيدۇ

  11-يانۋار، شەنشى باۋجى جەنۇبىي بېكىتىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئىشىكىنى توسۇۋېلىش ئىشى يۈز بەردى، بۇ ئىشنى سادىر قىلغان يولۇچى بۇ پويىزنىڭ توسۇۋېلىنىشى باشقا پويىزلارنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.سۈن جاڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسى تورلاشقان شەكىلدە يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، شاڭخەيدىن شىئەنگە بارىدىغان پويىزنى مىسالغا ئېلىپ ئېيتساق، پويىز شاڭخەيدىن قوزغالغاندىن كېيىن بېيجىڭ-شاڭخەي لىنىيەسى بىلەن شۈجۇغا كېلىپ، ئاندىن شۈجۇ-لەنجۇ لىنىيەسىگە بۇرۇلىدۇ. ناۋادا، پويىز بېيجىڭ-شاڭخەي لىنىيەسىدە كېچىكسە، چوقۇم شۈجۇ-لەنجۇ لىنىيەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، كېچىكىدىغان پويىزلارنىڭ سانى جىقلاپ كېتىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پويىزنىڭ يولغا چىقىشىدا تاساددىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ، تۆمۈريول يۈرۈش خەرىتىسىنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، گەرچە ھازىر كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك خەرىتە تەڭشەش ئىقتىدارى ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تاساددىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، چوقۇم ئادەم كۈچى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەڭشەش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  قار-يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق ناچار كىلىمات تەسىرىدىن پويىز كېچىككەندە، خىزمەتچى خادىملار تېز سۈرئەتتە پويىزنىڭ يۈرۈشىنى تەڭشىشى ۋە يۈرۈش تەرتىپىنى ئەسلىگە ئېلىپ كېلىشى زۆرۈر بولۇپ، خىزمەت بېسىمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاز ساندىكى يولۇچىلارنىڭ «ھادىسە» چىقارماسلىقىنى سورايمىز!

  قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئوبيېكتىپ قىيىن ئەھۋال مەۋجۇد

  يولۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانداق بېكىتىش، قانداق جازالىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا قىيىنچىلىق مەۋجۇد.

  مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، جۇڭگو تۆمۈريولى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشتىكى مۇلازىمەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلۇشى، مۇلازىمەتنىڭ ئىختىيارلاشتۇرۇلۇشى رېئاللىققا ئايلاندى، تۆمۈريول خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا تەرتىپنى قوغدىغۇچى، ئەسلىھەلەرنى ئاسرىغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. يولۇچىلارغا نىسبەتەن، تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى بولسا مۇلازىمەتچى خادىملار، ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش رولى يوق، پويىزنى مەجبۇرىي ماڭغۇزمايدىغان يولۇچىلارغا ئۇچرىغاندا، تۆمۈريول خادىملىرىنىڭ قوللىنالايدىغان ۋاسىتىلىرى ناھايىتى چەكلىك.

  تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن پويىزنىڭ يۈرۈش مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەر بىر بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىغا ج خ خادىملىرىنى سەپلەشكە كېپىللىك قىلماق تەس. مۇلازىمەت قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى قىيىنچىلىق توغرىسىدا، زىيارەت قىلىنغان تۆمۈريول خىزمەتچى خادىملىرى ۋە تۆمۈريول ج خ خادىملىرى ئۆزىنىڭمۇ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم مۇتەخەسسسىلەرنىڭ قارىشىچە، تۆمۈريولنىڭ بىخەتەر قاتنىشىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يولۇچىلارنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پويىزغا ئاڭلىق ئولتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر