باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان 22 مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2018.01.15 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەمۇرى تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ «يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىپ ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى»دا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 22 مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ، مەزكۇر مەخسۇس رايوننىڭ «قوش ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» سەھىپىسىنى ئاچقاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزلىك ئۇقتۇرۇش قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 22 مەسىلە بولسا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق 22 ئۆلكە، رايون ۋا شەھەردىن چىققان.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىغان مەسىلىلەر بولسا، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرغان ھالدا ئىشخانا قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئۆينى ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرقەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر