خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھىرى خەيخې دوختۇرخانىسىدا، تيەنجىن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىمارلارنى داۋالىماقتا. (1- ئاينىڭ 12- كۈنى فوتوسى)
تارقىلىشچان زۇكام شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا، قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بالىلار ئارقا-ئارقىدىن يۇقۇملانماقتا. تارقىلىشچان زۇكامغا قارىتا «توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى»نىڭ باشلىنىشى بىلەن، بىر مەزگىل ئىشتىن توختاپ قالغان تيەنجىن خەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمى يېقىندا ياردەمگە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتۈۋېلىپ، قايتىدىن يەنە كېسەل كۆرۈشكە باشلىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ بەس-بەستە جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ بالىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىشتىكى قايغۇلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بىمارلار تىت-تىت بولماقتا، دوختۇرخانا قاقشىماقتا، دوختۇرلارمۇ چارچاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكام دولقۇنى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشتەك «ئوسال» ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم ئاشىكارىلاپ قويدى. ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ چارە قوللىنىپ، بالىلار بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇشتەك ئومۇمىي نۇقساننى يېڭىپ، جايلاردا بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئۇنىۋېرسال رېتسېپ» چىقىرىپ بېرىپ، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش ۋە كېسىلى بارلار ياخشى دوختۇرغا كۆرۈنەلەيدىغان بولۈشتەك ۋەزىيەت بولغان ساغلام جۇڭگوغا پۇختا قەدەم تاشلاش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى