- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودىكى ئوتتۇرىھال كىرىملىك كىشىلەر 300 مىليوندىن ئاشتى
كىرىم تەقسىماتى پەرقىنى كىچىكلىتىش يەنىلا مۇھىم نۇقتا
2018.01.17 16:33 مەنبە: خەلق تورى
ئېلىمىزنىڭ 2018-يىللىق مائاش كىرىمى تەقسىماتى ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئۇقۇشىچە، ھازىر، ئېلىمىزدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئېشىپ، ئوتتۇرىھال كىرىملىك كىشىلەر 300 مىليوندىن ئاشقان. ئېلىمىز 2018-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ خادىملىرى، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كىرىم پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلىتىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2018-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئىسلاھاتىمۇ زور دەرىجىدە تېزلىتىلىپ، يىل ئىچىدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىش ھەققى تەقسىمات پەرقى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو كىرىم تەقسىماتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لى شى مۇنداق دېدى: كىرىم پەرقىنى كىچىكلەتكەندىلا ئوتتۇرىھال كىرىملىك كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو ھازىر ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەت، ئۇزاققا بارماي يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مائاش كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھات نىشانىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا مائاش كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تەقسىمات ئەندىزىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولۇپ، تەقسىماتتىكى پەرق تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا، «ئوتتۇرىھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتىنى روشەن ئاشۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئىسلاھاتىمۇ 2018-يىلى زور دەرىجىدە تېزلىتىلىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يى ۋېيمىن مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىش پىكرىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش ھەققى تەقسىمات پەرقى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش قېتىم سانى ۋە نىسبىتىنى مۇقىم، ئېھتىيات بىلەن ئىگىلەش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر