- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن 17سى ئافغانىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
2018.01.16 08:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 14- چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن 17 ئۇنسۇر يېقىندا ئافغانىستان ھەربىي تەرەپنىڭ بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەۋەردە، نانگارخار ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان بىر پارچە باياناتتىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ نۇقتىسى مەزكۇر نانگارخار ئۆلكىسىنىڭ ئاچىنكلار رايونى ۋە خاسكامىنا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ. ھۇجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇنسۇرلار ئىچىدە بىر مۇنچە چەت ئەللىك قوراللىق ئۇنسۇرلارمۇ بار ئىكەن. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى رايوندىكى بىر قانچە تايانچ كۈچلىرى ۋە بىر تۈركۈم قورال-ئوقلىرىمۇ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر